ulnix - Blogbus Blog of Ulnix
http://ulnix.blogbus.com
  بلوگ تەۋسىيىسى : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى مەرىپەت بلوگى جىك تور خاتىرسى تەدبىركار بلوگى تارىم بلوگى دۇنيا قارا بلوگى
ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى قورغۇچىسى ھەققىدە


           ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوسىتلار ، ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ، تور دۇنياسىدا ئۆزۈم توغۇرلۇقمۇ ئازراق توختىلىشىم كېرەك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ ، << بلوگ  قۇرغۇچىسى ھەققىدە >> دەپ بىر بەت ئىشلىلىدىم . بۇنىڭدا پەقەت كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن تېخىمۇ ئىنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ، دوسىتلۇقنى كۈچەيتىشىگە پايدىسى بولار دېگەن مەخسەت بار . چۈنكى ھايات تولىمۇ قىسقا ، بىز بۇ قىسقا ھاياتتا ، ئكز - ئارا تونۇشۇپ ، مۇڭدىشىپ ، ھال - مۇڭ بولۇشۇپ ئۆـسەك بەزى ئازاپلىق كۈنلەر ئۇنتۇلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ ، يەنىمۇ زەبەردەس قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرلەيمىز . ئۇندق بولسا مەن ئۆزۈمنىڭ كېچىك ئارخپپىنى كەڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا سۇندۇم .
          ئىسىم  _ فامىلەم : مۇتەللىپ ئەنۋەر
          ئەدەبىي تەخەللۇسۇم : ئۇيغۇرتېكىن
           تۇغۇلغان يۇرتۇم : خوتەن _ گۇما
           تۇغۇلغان ۋاقتىم :  1987 _ 06 _ 10 كۈنى
           مۆچىلىم : زىرەك توشقان
           قىززىقىشىم : يېزىقچىلىق ، ئۇزۇنغا يۈگرەش ، مۇزىكا ئاڭلاش ، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋىرلىرىدىكى ھىكايىلىرىنى ئوقۇش ، كومپېيۇتېىر ، تارىخ ، ماتىماتىكا ، پەلسەپە ...
           خاراكتىرىم : ئېغىر _ بېسىق ، تەمكىن ، كەمسۆز ،
           ئىلان قىلغان شەخسىي بلوگۇم : ئۇيغۇرتېكىن بلوگى  ( http://uyghurtekin.blogbus.com )
           ئوقۇۋاتقان مەكتىپىم : بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتىتى
          كەسپىم : قانۇن پەنلىرى
           تور مۇڭدشقۇ : 694933208
          دائىملىق ئىلخەت : Mutallipanwar@gmail.com
           قەدىرلىك دوستۇم ، مانا بۇلار مەن توغۇرلۇق سىزنىڭ بىلىۋالسىڭىز بولىدىغان ئۇچۇرلار . ئۆزۈم توغۇرلۇق ئازراق سۆزلىسەم ، مەن تۇغۇلغان يىللىرى يۇرىتىمىزنىڭ قىياپىتى ۋە قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . گەرچە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولساممۇ ، ئەمما ئەتراپىمدىكى قىرىنداشلىرىىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە كەيپىياتى يامان ئىدى . كېچىكىمدىن شۇنداق مۇھىتتا شۇلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن نەپەسداش بولۇپ چوڭ بولدۇم . شۇ ئىرىقلارنىڭ سۇيىنى ئىچتىم ، شۇ دالىلاردا يۇگرەپ ئوينىدىم ، شۇ ئىرىقلاردا سۇغا چۆمۈلدۇم . ئويلاپ باقسام شۇ چاغلاردەك سەبىي ۋە غەمسىزلىك ئاللىبۇرۇن گۈزەل ئـۆتمۈشكە ئايلىنىپ كېتىپتۇ . قەلبىمدە قالغىنى ئۇنىڭ غۇۋا ھەم سۇس كارتىنىسى ئىكەن .
           ئەمدىلىكتە بولسا ئىلىم ھەلەكچىلىكىدە تېنىمسىز ئىزدىنىپ شۇنداق بىر ئالدىراشچىلىق ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىمنى ھىس قىلىمەن . مۇشۇنداق تۇرمۇشمۇ ناھايتى گۈزەل بولىدىكەن ئەمما يەنىلا ئادەمنىڭ كۆڭلى تارىتقان كىشىلىرى ياندا بولمىسا ، قەدىرلىك نەرسىلىرى ئۆتمەشتە تۇرسا ، ئامال يوق غىرىپلىق باسىدىغان ئىش ئىكەن . يەنىلا بەرداشلىق بېرىش كېرەك . مەيلى قانچىلىك غەم - قايغۇ ، ئازاپ - ئوقۇبەت كەلسۇن ۋەياكى كاتتا نەتىجە ، شان - شۆھرەتلەر يېغىپ كەتسۇن يەنىلا بىر خىل تەمكىن ياشىسامكەن دەيمەن . شۇنداق دوستۇم ، سىزمۇ شۇنداق ياشاشقا تىرىشىڭ ، چۈنكى بىزمۇ يەرشارىنىڭ نۇپۇس دەپتىرىدىكى بىر جان ، بىزمۇ ياشاشقا مۇھتاج .
  

ئۇيغۇرتېكىن ئۇلىنىش ئائىلىسى - http://ulnix.blogbus.com